ئانتونى بلىنكېن يوۋ گاللانت ۋە بېننىي گانتىز بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋ گاللانت ۋە ئۇرۇش كابىنېتى ئەزاسى بېننىي گانتىز بىلەن تېلېفوندا ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

2130588
ئانتونى بلىنكېن يوۋ گاللانت ۋە بېننىي گانتىز بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىربلىنكېن گاللانت ۋە گانتىز بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە بەرگەن ۋەدىسى ۋە ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن.

بلىنكېن جىددىي ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان سۆھبەتتە يەنە، رايوندىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش تەدبىرلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

بلىنكېن گانتىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىمۇ، غەززەدىكى جىددىيچىلىكنىڭ رايونغا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرىلەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر