ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالانمىغان

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ غەززەدىكى ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ، «ھاماسنىڭ تەلەپلىرىنى كۆپەيتىشى» سەۋەبىدىن ئىمزالىنالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2130556
ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالانمىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تارقاتقان ۋىدېئودا، «غەززەدىكى ئىسىرائىلىيەلىكلەرنى قۇتقۇزۇش مەقسىتىدىن بىر مىنۇتمۇ ۋاز كەچمىگەنلىكى» بىلدۈردى.

ئۇ ھاماسنىڭ بارلىق ئەسىر ئالماشتۇرۇش تەكلىپلىرىنى رەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئىسىرائىلىيە كوچىلىرىدا ھۆكۈمەتنى ئىستېپاغا چاقىرىپ، مۇددەتتتىن بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈش ياكى بالدۇرراق ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان نامايىشلار ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھاماس ئىسىرائىلىيەدىكى بۆلۈنۈشتىن پايدىلىنىۋاتىدۇ ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان بېسىملاردىن جاسارەتلىنىۋاتىدۇ.»

ئۇ ھاماسنىڭ ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا كېيىنكى كۈنلەردە ھاماسقا بولغان دىپلوماتىك ۋە ھەربىي بېسىمنى كۈچەيتىدىغانلىلىقلىرىنى، چۈنكى بۇنىڭ «ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە غەلىبە قىلىش» نىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ «نېتزاھ يەھۇدا» بىرىگادىسىغا غەززەدە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى پىلان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «ئەگەر بىرسى ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى قىسملىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزەلەيمەن دەپ ئويلىسا، ئۇنىڭغا قارشى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كۈرەش قىلىمەن» دېدى.

بۇ جەرياندا، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقى خېرزى خالېۋىنىڭ غەززەدە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك پىلاننى تەستىقلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى دانىيال خاگارى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ ھەپتە غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بىر قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقلىرىنى، ھەربىي ھەرىكەتتە ھاماسنىڭ بىر ھەربىي ئەسلىھەسىنى بىتچىت قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

خاگارى ئارمىيەنىڭ يۆنۈلىشىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقلۇقىنى، بار بولغان تەقدىردە ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يېڭىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر