پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز

پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2130800
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرزېج دۇدا «‹فاكت› گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، دۆلىتىگە يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، رۇسىيەنىڭ پولشانىڭ يىراق غەربىدىكى كالىنىڭگراد رايونىغا قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ھەمدە يېقىندا يادرو قوراللىرىنى بېلارۇسىيەگە يۆتكىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يېقىندىن  بۇيان پولشا بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا يادرو قوراللىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسىنىڭ تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر ئىتتىپاقداشلىرىمىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي قانىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېرروتېرىيەمىزگە يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلسا، بىز بۇنىڭغا تەييارمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر