پارىژدا ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

2130602
پارىژدا ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
paris irkcilik protestosu.jpg
paris irkcilik protestosu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىژدا توپلانغان نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ بۇ دۆلەتتىكى زوراۋانلىقى ۋە غەززەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەگە نارازلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىشچىلار پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈردى ۋە شوئارلارنى توۋلىدى.

ئۇلار مۇنداق ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرۈۋالغانىدى: «ئىرقچىلىقنى توختىتىڭ، ئىسلام دىنىغا دۈشمەنلىك قىلىشنى توختىتىڭ»، «بالىلىرىمىز خەتەر ئاستىدا» ، «غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭ»، «ئانتىسىيۇنىستلار مۇستەملىكىچىلىككە قارشى  كۈرەش قىلايلى!»

مىڭلارچە كىشى قاتناشقان نامايىشقا فىرانسىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى سېرىق جىلىتكىلىكلەر ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەربابلىرى، پەلەستىننى قوللاش بىلەن تونۇلغان ئۆكتىچى باش ئەگمەس فىرانسىيە پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە قارا تەنلىك كۆچمەنلەر قاتناشتى.

نامايىشتا قارا تەنلىك نامايىشچىلار يەرلىك مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسسۇل ئوينىدى.

نامايىشتا يەنە 2023-يىلى يازدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن قازا قىلغان بىر ياشمۇ خاتىرىلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر