غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 34 مىڭ 151 كە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 54 كۆپىيىپ، 34 مىڭ 151 گە يەتتى.

2130749
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 34 مىڭ 151 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 199 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 54 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 104 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 34 مىڭ 151 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 77 مىڭ 84 كە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدىمۇ ئۆلۈكلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇ بولۇشى سەۋەبىدىن داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى ئالالمايۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر