بارزانى: ئەردوغاننى ئەربىلدە كۈتۈۋالغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى نېچىرۋان بارزانى ئىراق زىيارىتى دائىرىسىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئەربىلدە كۈتۈۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2130824
بارزانى: ئەردوغاننى ئەربىلدە كۈتۈۋالغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بارزانى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىراق زىيارىتى ھەققىدە تۈرك تىلىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باغداد ۋە ئەربىلگە قىلغان زىيارىتى رايوننىڭ ۋزەيىتىنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر مەزگىلىگە توغرا كەلمەكتە.»

«دەرۋەقە، بۇ زىيارەت ئىراق ۋە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى، ئەلۋەتتە.»

«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئەربىلدە كۈتۈۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئۇچرىشىشلاردا، تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر