ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى پەلەستىندە كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى  جەمئىيىتى (UNICEF) پەلەستىن زېمىنىدا كىچىك بالىلار ئۆلۈمىنى چوقۇم توختىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2130469
ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى پەلەستىندە كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى  جەمئىيىتى (UNICEF) نىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ دىرېكتورى ئادىلە خودرنىڭ باياناتى، ب د ت بالىلار فوندى  جەمئىيىتى (UNICEF)   نىڭ X بېتىدە ئېلان قىلىندى.

ئادىلە خودر يېقىنقى 72 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرىدە 14 كىچىك بالا ۋە غەربىي قىرغاقتىكى تۇلكەرىم شەھىرىدە ئۈچ كىچىك بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن زېمىنىدىكى كىچىك بالىلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئېچىنىشلىق ۋە رەزىل زوراۋانلىقلارنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئادىلە خودر، پەلەستىندە كىچىك بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى چوقۇم توختىتىش ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىيوسى 18 - ئاپرېل (2024) دا غەربىي قىرغاقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان تۇلكەرىم شەھىرىدىكى نۇر شەمس پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا قارىتا «كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت» باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نۇر شەمس پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، 14 پەلەستىنلىكنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.  

گۇۋاھچىلارتۈنۈگۈن (21-ئاپرېل) كەچتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لاگېرغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە رايوندىن چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر