ئامېرىكا تەيۋەن، ئۇكرائىنا ۋە ئىسرائىلىيەگە 95 مىليارد دوللارلىق ياردەم بېرىدىغان بولدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا، ئۇكرائىنا، ئىسرائىلىيە ۋە تەيۋەنگە 95 مىليارد دوللارلىق ياردەم تەكلىپى قوبۇل قىلىندى.

2130273
ئامېرىكا تەيۋەن، ئۇكرائىنا ۋە ئىسرائىلىيەگە 95 مىليارد دوللارلىق ياردەم بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئاۋام پالاتاسى، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا بايلىق زاپىسى ئېرىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە، 6 ئايلىق سىياسىي قاتماللىققا خاتىمە بېرىپ، ئىسرائىلىيە ۋە تەيۋەنگە قىلىنىدىغان ياردەملەرنى قوشقاندا جەمئىي 95 مىليارد دوللارلىق ياردەم بېرىش قانۇن لايىھىسىنى تەستىقلىدى.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى باشلىقى مايك جونسون دېموكراتچىلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، ئۆز پارتىيىسىدىكى قارشى پىكىرلەرنى باستۇردى ۋە بۇ قانۇن لايەھىسى ئىككى پارتىيەنىڭ تەڭ قوللىشى بىلەن 122رەت ئاۋازغا قارشى 311 قوللاش بېلىتى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە دېموكراتچىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان كېڭەش پالاتاسىنىڭمۇ بۇ ياردەم پىلانىنى سەيشەنبە كۈنى تەستىقلاش ئېھتىمالى بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان 95 مىليارد دوللارلىق ياردەم پىلانى، ئۇكرائىناغا 61 مىليارد دوللار ياردەم بېرىشتىن باشقا يەنە، ئىسرائىلىيەگە 26 مىليارد دوللار، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 8 مىليارد دوللار ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسرائىلىيەگە ئاجرىتىلغان 26 مىليارد دوللارلىق ياردەم پىلانى ئىچىدىكى 9 مىليارد دوللارنىڭ بولسا، غەززە قاتارلىق ھەر قايسى ئۇرۇش رايونلىرىغا يوللىنىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرىغا ئىشتىلىشى پىلانلانماقتا.

بۇ ئارىلىقتا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى بېلەت تاشلاشتا ئىسرائىلىيەگە 26 مىليارد دوللارلىق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ياردەم پىلانىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىغا رەخمەت ئېيتتى.

نېتانىياھۇ يازمىسىدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىسرائىلىيە «قەدىرلەيدىغان» ياردەم پىلانىنى ماقۇللىشىنىڭ دېموكراتچىلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەردىن ئىبارەت ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاپ قۇۋۋەتلەنگەنلىكىنى شۇنداقلا غەرب مەدەنىيىتىنى قوغداشنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر