زېلېنىسكىي: ئۇكرائىنانىڭ يېڭى قوراللارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قوغداش ئۈچۈن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى، ئايروپىلان ۋە يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتتى.

2130178
زېلېنىسكىي: ئۇكرائىنانىڭ يېڭى قوراللارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئۇكرائىنا-شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك تور يىغىنىدا سۆز قىلدى؛ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە توختىماي ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن زېلېنسكىي، يىل بېشىدىن بۇيان ئۇكرائىنا تەۋەلىكىگە تەخمىنەن 1200 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە 1500 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يوللانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋادا ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇكرائىنانىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن زېلېنسكىي، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۈپ: «بىز مۇداپىئە ئۈچۈن كەم دېگەندە 7 دانە ۋەتەنپەرۋەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا موھتاج. بۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ، ھەقىقىي مەنىدە ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن. بۇ سىستېمىلار سىلەردە (يەنى ناتودا) بار. ئەسكەرلىرىمىزنىڭ قولىدا ئۇزۇن مۇساپىلىك قوراللار قانچە كۆپ بولسا، تىنچلىق شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. نۆۋەتتە فىرونتلار  يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەكلەرگە ناھايىتى كۈچلۈك ئېھتىياجلىق. رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنى يېڭىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئايروپىلان لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر