رۇسىيە: ئۇكرائىنا 50 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تەۋەلىكىمىزگە ھۇجۇم قىلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۇكرائىنانىڭ بىر كېچىدە 50 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن رۇسىيە زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2130191
رۇسىيە: ئۇكرائىنا 50 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تەۋەلىكىمىزگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈنۈگۈن كېچە كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تېررىتورىيەسىدىكى نىشانلارغا قاراتقان ئايروپىلان تىپىدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى  بىلەن ئېلىپ بارغان بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدى ئېلىندى» دېدى.

رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنىڭ 50 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئۇلارنىڭ 26 ىسىنىڭ بېلگورود، 10 ىنىڭ بىريانسكى، 8 ىنىڭ كۇرسكى، 2 سىنىڭ تولا رايونلىرىدا؛ سمولېنسكى، رىيازان، كالۇگا ۋە موسكۋا رايونلىرىدا بولسا، بىردىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر