بابىلدىكى ھەشدۇششەئبى بازىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراقنىڭ بابىل ۋىلايىتىدىكى شىئە قوراللىق كۈچلىرىدىن تەركىب تاپقان ھەشدۇششەئبى قارمىقىدىكى بىر قارارگاھقا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

2130062
بابىلدىكى ھەشدۇششەئبى بازىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەشدۇششەئبى بابىل ئىشخانىسى فېيسبۇكتىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ،  «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بابىل كالسو ھەربىي بازىسىدىكى قالقان، سەرايا ئەلجىھاد ۋە نۇبھە باشقارمىلىرىغا ھاۋادىن دۈشمەنلەرچە ھۇجۇم قىلدى» دېدى.

باياناتتا، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھەشدۇششەئبى ھەرىكىتىنىڭ يازما باياناتىدا: «بابىلنىڭ شىمالىغا جايلاشقان كالسو بازىسىدىكى ھەشدۇششەئبى باش ئىشتابىدا پارتلاش يۈز بەردى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نەق مەيدانغا يېتىپ باردى. پارتلاشتا ماددىي زىيان ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى» دېيىلدى.

باياناتتا، ۋەقەدە يەتتە ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھەشدۇششەئبىگە قاراشلىق سەييىدۇششەھەدائ بىرىگاداسى ناملىق خەلق قوراللىق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەبۇلئەلا ئەلۋەلادى، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى —CENTCOM— ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكانىڭ بۈگۈن ئىراققا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بەزى خەۋەرلەر بار. بۇ خەۋەرلەر توغرا ئەمەس. ئامېرىكا بۈگۈن ئىراقنىڭ ھېچقانداق يېرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلمىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر