ئوستىن بىلەن گاللانت ئىران ۋە غەززە توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت بىلەن ئىران ۋە غەززە توغرىسىدا سۆزلەشتى.

2129929
ئوستىن بىلەن گاللانت ئىران ۋە غەززە توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون باياناتچىسى گېنېرال پات رايدېر ئوستىن بىلەن گاللانتنىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىدى.

ئىككى مىنىستىرنىڭ رايون خاراكتېرلىك خەۋپلەر ۋە «ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغۇچى ھەرىكەتلىرى» توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئوستىننىڭ غەززەلىك پۇقرالارغا ئاشدود پورتىدىكى يېڭى يولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى جايلاردىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى تەكىتلەندى. .

ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نىتانياھونىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى تەخمىنەن 1.5 مىليون سەرگەردان پەلەستىنلىك پاناھلىنىۋاتقان رەفاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىنى بېكىتكەنلىكىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

پېنتاگون ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن غەززەنىڭ رەفاھ شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشلىغۇسى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نىتانياھونىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرىگە كىرىش ۋاقتىنى بېكىتكەنلىكىمۇ ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر