ئۇكرائىنا مەغلۇب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس: «ئەگەر ئۇكرائىنا قوشۇمچە ھەربىي ياردەمگە ئېرىشەلمىسە، يىل ئاخىرىغىچە رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا مەغلۇب بولىدۇ» دېدى.

2129966
ئۇكرائىنا مەغلۇب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس ئۇكرائىنانىڭ يىل ئاخىرىغىچە يىل ئاخىرىغىچە رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا مەغلۇب بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

مەزكۇر باياناتنىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش پىلانى كونگرەدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنگىچە ئېلان قىلغان ئەڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇرنىسنىڭ بۇ باياناتنى 20-ئاپرېل ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاۋاز تاشلاشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغان ياردەم پىلانىنىڭ مىقدارى 94 مىليارد دوللار. بىر تۈركۈم مۇتەئەسسىپ جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىشقا قارشى چىقىپ، بۇنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا چېگراسىنى قانۇنسىز كۆچمەنلەردىن قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئىلگىرىمۇ كونگرە ياردەم پىلانىنى ماقۇللىمىسا، ئۇكرائىنانىڭ 2024-يىلى مۇھىم ئۇرۇش سەپلىرىنى قولدىن بېرىپ قويىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ۋىليام بۇرنسنىڭ بۇ قېتىمقى ئاگاھلاندۇرۇشى تېخىمۇ قاتتىق بولۇپ، ئۇ ئۇكرائىنانىڭ ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن ئەھۋالدا موسكۋاغا تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۇكرائىنا 2024—يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇشى مۇقەرەر. پەقەت بولمىدى دېگەندە، پۇتىن مەسىلىنى سىياسىي ھەل قىلىشتا ئۆزى ئۈمىد قىلغان ۋە مەجبۇرىي تاڭىدىغان شارائىتلارغا ئىگە بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىشى مۇمكىن.»

بۇرنس «ئۇكرائىنانىڭ مەغلۇبىيىتى» دېگەندە، زادى نېمىنى كۆزدە تۇتقانلىقى ئېنىق ئەمەس. س ن ن (CNN) مەنبەلىرى ئامېرىكا ياردەم قىلمىغان ئەھۋالدىمۇ، رۇسىيە ئۇكرائىنانى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلالمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى، ئۇكرائىنا ياردەمگە ئېرىشەلمىسە موسكۋا خاركىۋ بىلەن ئودېسسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم جايلارنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشى ۋە كېينچە 2014-يىلى قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋالغىنىغا ئوخشاش، ئۇرۇشتا ئىگەللىۋالغان جايلارنى قوشۇۋېلىشى مۇمكىن. مانا بۇ ئۇكرائىنانىڭ «مەغلۇبىيىتى» دېمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر