ھىندىستان نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى

ھىندىستان 1 مىليارد 441 مىليونلۇق نوپۇسى بىلەن خىتاينى ئارقىدا قالدۇرۇپ، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالدى.

2129759
ھىندىستان نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نوپۇس فوندى «2024-يىللىق دۇنيا نوپۇس ئەھۋالى» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، دۇنيادا جىنسىي ساغلاملىق ۋە كۆپىيىش مەسىلىسىدىكى باراۋەرسىزلىكلەر نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

دوكلاتتا، ئافرىقا ئاياللىرىنىڭ ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى قىيىنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ، ياۋروپا ياكى شىمالىي ئامېرىكادىكى ئاياللارغا سېلىشتۇرۇلغاندا 130 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكى، ئامېرىكا قىتئەسىدىمۇ ئەسلى ئافرىقالىق بولغان ئاياللارنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ باشقىلارغا سېلىشتۇرۇلغاندا يۇقىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، دۇنيا نوپۇسى 8 مىليارد 119 مىليون كىشىگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستاننىڭ نوپۇسى 1 مىليارد 441 مىليونغا يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، ھىندىستان 1 مىليارد 425 مىليون نوپۇسقا ئىگە خىتاينى ئارقىدا قالدۇرۇپ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ بىرىنچى دۆلەت بولۇپ قالغان. بۇنىڭدا، ھىندىستاننىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ئانىلارنىڭ ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق ئامىللار مۇھىم رول ئوينىغان.

ب د ت نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2022-يىلى خىتاي نوپۇسى 1 مىليارد 426 مىليونغا يەتكەندىن كېيىن ئازىيىشقا باشلىغان. مۇتەخەسسىسلەر مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ 1 مىلياردنىڭ ئاستىغا چۈشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر