ئىسرائىلىيەنىڭ ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدىكى ھۇجۇملىرىدىمۇ ئونلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى روزا ھېيتنىڭ 3-كۈنى غەززەدىكى بىر ئۆينى بومباردىمان قىلىپ، كەم دېگەندە 29 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

2127034
ئىسرائىلىيەنىڭ ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدىكى ھۇجۇملىرىدىمۇ ئونلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى  — ۋافانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ سىدرا رايونىدىكى ئەددەرەج مەھەللىسى يافا كوچىسىدىكى پەلەستىنلىك «ئەتتەباتىبى» ئائىلىسىنىڭ ئۆيىنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا، دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، 29 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 ئادەم يارىلانغان.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تىك ئۇچارلىرى غەززەنىڭ زەيتۇن، شۇجائىييە ۋە رىمال مەھەللىلىرىدىكى كەم دېگەندە ئۈچ ئۆينى بومباردىمان قىلىىپ، نۇرغۇن پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.

نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارمۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تىك ئۇچارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى؛ ۋەقەدە بەزى بىنالار ۋەيران بولدى؛ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نۇسەيراتتىكى ئەلجەدىد مۇساپىرلار لاگېرىدا پاناھلىنىۋاتقان سەرگەردانلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلدى؛ ۋەقەدە بىر ئادەم قازا قىلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.

خەلق مۇداپىئە ئەترىتى خادىملىرى غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خان يۇنۇس شەھىرىنىڭ ئەلئەمەل مەھەللىسىدىكى بىر بىنانىڭ خارابىلىكىدىن 13 كىشىنىڭ چىرىگەن جەسىتىنى چىقاردى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تۇباسقا قىلغان ھۇجۇمىدىمۇ بىر پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر