شىۋېتسىيەدىكى بىر ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئىشتىن بوشاتقان ياغلىقلىق خىزمەتچىسىگە تۆلەم تۆلەيدۇ
شىۋېتسىيە ياغلىق ئارتقانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلغان ئاۋىياتسىيە شىركىتى خىزمەتچىسى بىر ئايالنىڭ «كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىركەتنى تەخمىنەن 14 مىڭ دوللار (150 مىڭ كرون) تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى.
2127032
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ كەمسىتىشكە قارشى ئىشلىرى ۋەكىلى لارس ئارخېننىيۇس يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «دىنىي سىمۋوللارنى چەكلەپ، بىر تۇتاش كىيىم-كېچەك سىياسىتى يولغا قويغان بىر ئاۋىياتسىيە شىركىتى، خىزمەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان بولۇشىغا قارىماي، ياغلىق ئارتقانلىقى ئۈچۈن، ئىشتىن بوشىتىش ئارقىلىق كەمسىتىش پەيدا قىلدى» دېدى.