بايدىن: نېتانياھۇنىڭ غەززەدە قىلغانلىرى خاتا

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ غەززەدىكى ھەرىكەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ «خاتا» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2126551
بايدىن: نېتانياھۇنىڭ غەززەدە قىلغانلىرى خاتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىن ئامېرىكادا ئىسپانچە پىروگرامما تارقىتىدىغان «Univision» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدىكى ھەرىكىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ نېتانياھۇنى تەنقىد قىلىپ: «نېتانياھۇنىڭ قىلغانلىرىنى خاتا دەپ ئويلايمەن، ئۇنىڭ غەززەدىكى ھەرىكەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قوشۇلمايمەن» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنى غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشقا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىشقا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى:

«غەززەدىكى كىشىلەرنىڭ تىببىي ۋە يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا ھېچقانداق باھانە كۆرسىتىشكە بولمايدۇ. بۇنى دەرھال ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.»

ئۇ ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن 4-ئاپرېل تېلېفوندا كۆرۈشكەندىمۇ، غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى ۋە ئىسىرائىلىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە قەدەم تاشلىشىنى چاقىرىق قىلغان ئىدى.

ئۇ شۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە، «دۇنيا مەركىزىي ئاشخانىسى» (World Central Kitchen-WCK) ناملىق خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتىنىڭ يەتتە نەپەر خادىمىنىڭ ئىسىرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، مەزكۇر تەشكىلاتقا ۋە رايوندا پائالىيەت قىلىۋاتقان باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى، شۇنداقلا غەززەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەتنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر