بلىنكېن: بىز ھازىرقى ئەھۋالدا رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشقا قارشى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىسىرائىلىيەنىڭ «رەفاھ قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى» نىڭ ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالدا رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

2126536
بلىنكېن: بىز ھازىرقى ئەھۋالدا رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشقا قارشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد كامېرون بىلەن ۋاشىنگتوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، غەززە ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ پۇقرالارنىڭ قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر پىلانى بولماي تۇرۇپ، رەفاھنى ئىشغال قىلىشىغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىسىرائىلىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ، «رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىنىڭ بېكىتىلگەنلىكى» توغرىسىدىكى باياناتى ھەققىدە سورالغان سوئالغا:

«قولىمىزدا رەفاھ ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك بېكىتىلگەن ۋاقىت يوق، يەنى ئىسىرائىلىيەنىڭ بىزگە بىلدۈرگەن ۋاقتى يوق» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ھەر قېتىم ئىسىرائىلىيە دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، پۇقرالارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەۋاتقانلىقلىرىنى، ئىسىرائىلىيەنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ، رەفاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ باشلىنىشىنى كۈتمەيدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كېلەر ھەپتە ۋاشىنگتونغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى سانىنى كۆپەيتىشكە رۇخسەت قىلغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقلىرىنى ۋە ياردەملەرنى كۆپەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا بالدۇرراق ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىنى، ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كۆپەيتىلىشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇلارنىڭ ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر