ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىن خەلقىنى تۇتقۇن قىلماقتا
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا بېسىپ كىرىپ تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
2125760
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئەلخەلىل، جەنىن، نابلۇس، تۇباس، تۇلكەرىم، راماللاھ ۋە ئېرىھا شەھەرلىرىگە بېسىپ كىرىپ تۇتقۇن قىلىش ھەركىتى ئېلىپ باردى.
ھەركەت جەريانىدا 3 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 45 پەلەستىنلىك تۇتقۇن قىلىندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرى باشلانغان 2023 - يىلى 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا تۇتقۇن قىلىنغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 8080 گە يەتتى.
7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىك پۇقرالارغا قارىتىلغان تۇتقۇن قىلىش، بېسىپ كىرىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە.