بېلگىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دۆلىتىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

بېلگىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى پېترا دې سۇتتېر دۆلىتىنىڭ بۇ يىل ياز كىرىشتىن ئىلگىرى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2124764
بېلگىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دۆلىتىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دې سۇتتېر ئىسپانىيەنىڭ بۇ يىل يازدىن ئىلگىرى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، دۆلىتى (بېلگىيە)نىڭمۇ ئوخشاش قەدەمنى بېسىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

«بىز چوقۇم مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى ۋە ئۇنىڭ قايتىدىن سۇنغان <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىش> ئىلتىماسىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك » دېگەن دې سۇتتېر، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلەيدىغان بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاجدا لاھبىب بۇ ھەقتىكى باياناتلىرىدا، ئىزچىل ھالدا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر كېلىشىمنىڭ بارلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ «ۋاقتى كەلگەندە» ئېلان قىلىنىدىغان بىر قارار ئىكەنلىكىنى تەكرارلاپ كەلمەكتە.

ئىسپانىيە، ئىرېلاندىيە، مالتا ۋە سلوۋېنىيە 22-مارت ئۆزلىرىنىڭ «مۇۋاپىق شارائىت» ھازىرلانغان ۋاقىتتا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېزمۇ 2-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، بۇ يىل يازدىن ئىلگىرى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر