ئىسرائىلىيەدە بېنيامىن نېتانياھۇغا قارشى  نامايىشلار كۈنسېرى كۈچەيمەكتە

ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇغا ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇش كابىنېتىغا بولغان نارازىلىق كۈندىن كۈنگە كۈچەيمەكتە.

2124187
ئىسرائىلىيەدە بېنيامىن نېتانياھۇغا قارشى  نامايىشلار كۈنسېرى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى گۇرۇپپىلاردىن تەشكىل تاپقان مىڭلىغان نامايىشچى ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىدىغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك كوچىلارغا چىقتى.

نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ سىمۋوللۇق جايلىرىنىڭ بىرى بولغان پارلامېنت بىناسى، ئالىي سوت ئورگىنى ۋە  ھۆكۈمەت بىنالىرى جايلاشقان رايوننى قامال قىلدى ھەمدە «ھۆكۈمەت ئىستېپا!» دەپ شوئارلار توۋلىدى.

نامايىشچىلار نامايىشتا ئاۋازىنى نېتانياھۇغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، باش مىنىستىرلىق تۇرالغۇسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

باش مىنىستىرلىق تۇرالغۇسى ئالدىغا بارماقچى بولغان بىر توپ نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.

نامايىشچىلار ساقچى توسۇقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە تىرىشتى، ساقچىلار نامايىشچىلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن توستى.

نامايىشچىلار تۇرغان كوچىلارغا سېسىق پۇراقلىق خىمىيەلىك سۇ چېچىلدى.

ئاتلىق ساقچىلار ۋە ئىجتىمائىي ۋەقەلەرگە ئارىلىشىش ئاپتوموبىللىرى، باش مىنىستىرلىق تۇرالغۇسىغا تۇتىشىدىغان كوچىلارنى قامال قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر