ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا رايونلىرىنى توپقا تۇتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا رايونلارنى تەڭ بىرلا ۋاقىتتا زەمبىرەك بىلەن قاتتىق بومباردىمان قىلدى.

2124090
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا رايونلىرىنى توپقا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «NNA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى زەمبىرەك ۋە «مېركاۋا» تىپلىق تانكىلار بىلەن چېگرا رايونىدىكى شەھەرلەرنى  توپقا تۇتقان.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋان چېگراسىغا جايلاشقان ئايتا شاب، رامىم، ئەددۇخايرا، ناكۇرا ۋە لەبەنىييە قاتارلىق شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلغان.

تانكا ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر