ئىران ئىسرائىلىيەگە ئەجەلىلك زەربە بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرى باياناتچىسى، بىرىگادا كوماندىرى رامىزان شەرىف «پات يېقىندا ئىسرائىلىيەگە ئەجەللىك زەربىلەرنى بېرىدىغانلىقلىرى»نى ئىلگىرى سۈردى.

2124389
ئىران ئىسرائىلىيەگە ئەجەلىلك زەربە بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرىگادا كوماندىرى شەرىف پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىراننىڭ دەمەشىقتىكى كونسۇلخانا بىناسىغا قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن.

ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندىن بۇيانقى مەغلۇبىيەتلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئىران ئىنقىلاب  مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرىدىن ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇلار ھېچ بىر يەرگە بارالمايدۇ، بۇ ھەرىكەتلەر قىسىملىرىمىزنىڭ كەيپىياتىنى ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئىنشائاللاھ يېقىندا زىيونىست تۈزۈمگە تېخىمۇ ئەجەللىك زەربىلەرنىڭ بېرىلگەنلىكىگە شاھىت بولىمىز» دېدى.

ئىسرائىلىيە 1-ئاپرېل دەمەشىقتىكى ئىران كونسۇلخانا بىناسىغا ھاۋا ھۇجۇم قىلىپ، ئىران ئىنقىلاب  مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىنىڭ ئىككى گېنېرالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە خادىمىنى ئۆلتۈرگەنىدى.

ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھۇجۇمنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىران، ۋەقەنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر