ئامېرىكا: ئۇكرائىنا ئاخىرىدا ناتوغا ئەزا بولىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئۇكرائىنانىڭ ئاخىرىدا ناتوغا ئەزا بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن ئېنىق ھەرىكەت پىلانىنى بەلگىلەش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

2124035
ئامېرىكا: ئۇكرائىنا ئاخىرىدا ناتوغا ئەزا بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن فىرانسىيەدە رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

ئۇ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېفان سېجون (Stephane Sejourne) بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كىيېۋنىڭ ناتوغا قوبۇل قىلىنىشى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئىيۇلدا (2023) ۋىلنىيۇس رەھبەرلەر يىغىنىدا دېيىلگىنىدەك، ئۇكرائىنا ناتوغا ئەزا بولىدۇ. شۇڭا، ھازىر بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك ھەرىكەت پىلانى تۈزۈش. ئىيۇندا (2024) ناتو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ، ئاساسلىقى بۇ ھەرىكەت پىلانىغا ياكى ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان كۆۋرۈكنى قانداق ئىپادە قىلالايدىغانلىقىمىزغا مەركەزلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر