ئىسرائىلىيەدە يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشى نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى چىقىش ئۈچۈن شۇنداقلا غەززەدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ  ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

2123115
ئىسرائىلىيەدە يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشى نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار غەربىي قۇددۇستا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ قاتنىشىنى توسۇپ قويدى. ئوت يېقىپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى.

نامايىشلار شەنبە كۈنىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا يەكشەنبە كۈنى كەچتە تېخىمۇ كۈچەيگەن ھالدا داۋاملاشتى.

ئىسرائىلىيە پارلامېنتى جايلاشقان غەربىي قۇددۇس  نامايىشلارنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. غەززەدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ  ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قوللىغۇچىلار بىلەن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى پارلامېنت ئەتراپىدىكى يول ۋە مەيدانلارنى تولدۇردى.

نىتانىياھۇغا قارشى گۇرۇپپىلار باش مىنىستىرغا خىتابەن، «سەن باشتا سەن، شۇڭا سەن جىنايەتچى!»، «(ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش) كېلىشىمى دەرھال، ھازىرلا تۈزۈلسۇن!»، «دەرھال سايلام ئۆتكۈزۈلسۈن!» دەپ شوئارلارنى توۋلاپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىپا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

بەزى گۇرۇپپىلار شەھەرنىڭ ئاساسلىق قاتناش لىنيەلىرىدىن بىرى بولغان يېقىن ئەتراپتىكى بېگىن تاشيولىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى ۋە قاتناشنى توسۇپ يولغا گۇلخان ياقتى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا ئاتلىق قىسىملارنى ئىشلىتىپ ۋە (ئىجتىمائىي ۋەقەلەرگە ئارىلىشىش ئاپتوموبىلى) بىلەن يۇقىرى بېسىملىق سېسىق سۇ  پۈركۈپ ئارىلاشتى.

نەچچە مىڭلىغان كىشى غەربىي قۇددۇستىن باشقا يەنە، پايتەخت تېل ئاۋىۋدە، نېتانياھۇنىڭ شەخسىي تۇرالغۇسى جايلاشقان قەيسەرىيە  ۋە شىمالدىكى كفار سابا قاتارلىق ئونلىغان جايدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نېتانياھۇ كوچىلاردا نامايىشلار داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش تەلىپىنىڭ ئىسرائىلىيەنى 8 ئاي «پالەچ» ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ۋە  بۇ ئەھۋالدىن ھاماسنىڭ ئەڭ خوشال بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر