ئىسرائىلىيەدە نېتانياھۇغا قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار ئۈزۈلمەي داۋاملاشماقتا.

2122588
ئىسرائىلىيەدە نېتانياھۇغا قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا
tel aviv netanyahu karsiti gosteri.jpg
tel aviv netanyahu karsiti gosteri.jpg
tel aviv netanyahu karsiti gosteri.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار ئەسىر ئالماشتۇرۇش چاقىرىقىنى تەكرارلاپ، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى ۋە مۇددەتتىن ئىلگىرى سايلام ئۆتكۈزۈلىشىنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتى تارتىلدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان نامايىشچىلار، مەشئەللەرنى كۆتۈرۈشۈپ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانىياھۇ ۋە ھۆكۈمىتىدىكى سىياسىئونلارغا قارشى لوزۇنكا ۋە پىلاكاتلارنى ئاچتى.

نامايىشچىلار مىنىستىرلىق ئالدىدا ئوخشاشمىغان جايلارغا گۈلخان ياقتى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ بىلەن ئارىلىشىپ، ئىككى كىشىنى نازارەتكە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر