نورۋېگىيە ئىسرائىلىيەنى قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا چاقىردى
نورۋېگىيە ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى چىقارغان قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ھۆكۈمىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.
2122480
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسى» دائىرىسىدە ئىسرائىلىيەگە قارشى يېڭى قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش قارارى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.