گىرېتسىيە تاراتقۇسى: غەربنىڭ رۇسىيە سىياسىتى تۈركىيەنى چوڭ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ قويدى

گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېقىنقى ئانالىزلىرىدا غەربنىڭ رۇسىيەگە قارشى سىياسەتلىرىنىڭ تۈركىيەنى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2122236
گىرېتسىيە تاراتقۇسى: غەربنىڭ رۇسىيە سىياسىتى تۈركىيەنى چوڭ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەشلىرىمۇ گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرىدا يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندى.

گرېتسىيەدىكى داڭلىق خەۋەر تور بېكەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «News Break»: «غەربنىڭ رۇسىيە دۈشمەنلىكى تۈركىيەنى <دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت>كە ئايلاندۇردى. بولۇپمۇ مۇداپىئە سانائىتىدە تۈركىيە بىر سانائەت كۈچىگە ئايلاندى...» دەپ يازدى.

ئانالىز ماقالىسىدە، غەرب دۇنياسىنىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە رۇسىيەگە قارشى سىياسەتلىرىنىڭ رايونغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.

بۇ ئەھۋالنىڭ تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىغا بولغان قىزىقىشنى ئاشۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان ماقالىدە، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئەڭ كۆپ زەمبىرەك ئوقى ساتىدىغان دۆلەت بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ماقالىدە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل تاپشۇرۇپ ئالىدىغان شەكىلدە بىر تۈركىيە شىركىتىدىن 116 مىڭ دانە جەڭگە تەييار زەمبىرەك ئوقى سېتىۋالغانلىقى، يەنە بىر تۈرك شىركىتىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدا زاۋۇت قۇرغانلىقى، 2025-يىلغا بارغاندا، بۇ شىركەتنىڭ 155 م.م لىك زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ تەخمىنەن %30 ىنى ئامېرىكادا ئىشلەپچىرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر