ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغان

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەتتە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، 16 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

2121493
ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان ن ن ئا (NNA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ چېگرا رايونىغا جايلاشقان ناكۇرا دىكى بىر قەھۋەخانىنى بومباردىمان قىلغان.

بومباردىماندا، ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە، تەير خارفا بازىرىدا ئىسلامىي ئىزچى جەمئىيىتىنىڭ قوغداش خادىملىرى تۇرىدىغان بىر بىنانى بومباردىمان قىلىپ، ئالتە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى خاببارىيە بازىرىدىكى ئەل ئىسلامىيە جامائىتىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ يەتتە كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر