ئاقساراي: نېتانياھۇ ئامېرىكاغا ۋەكىللەر ئۆمىكى يوللايدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان رەفاھ شەھىرىگە قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، ۋاشىنگتونغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2121573
ئاقساراي: نېتانياھۇ ئامېرىكاغا ۋەكىللەر ئۆمىكى يوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ توغرىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئىشخانىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر كۈننى بېكىتىش ئۈچۈن، سۆھبەتلىشىشنى باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ژان پيېر ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھقا قارىتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىنىڭ قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بۇ يەردە رەفاھ ھەرىكەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك». دېدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى قارار ماقۇللاپ، غەززەدە دائىمىي ئۇرۇش توختىتىشقا ئايلاندۇرۇشقا بولىدىغان شەكىلدە رامىزاندا دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئامېرىكا بۇ قارار لايىھەسىنى رەت قىلمىغان بولغاچقا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ «قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان رەفاھ ھۇجۇملىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن» ۋاشىنگتونغا بارىدىغان ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر