ئامېرىكا ب د ت نىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دوكلاتىنى رەت قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى رەت قىلدى.

2121687
ئامېرىكا ب د ت نىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دوكلاتىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ پەلەستىن ئالاھىدە دوكلاتچىسى فىرانسىسكا ئالبانېسې ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «دۇنيانىڭ ئىسرائىلىيەنى جاۋابكارلىققا تارتماسلىقى غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان كۆچمەن مۇستەملىكىسىنىڭ ئەڭ چېكىدىن ئاشقان باسقۇچى» دېدى ۋە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى ئىسرائىلىيەگە جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىردى.

ب د ت دوكلاتچىسى ئالبانېسېنىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى بىئارام قىلدى؛ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر، دۆلىتىنىڭ بۇ دوكلاتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلمىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ: «دوكلاتنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەمما، بىز يەنىلا غەززەدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش سانىدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېدى.

باياناتچى ماتېۋ مىللېر  يەنە، دوكلاتنى ئېلان قىلغان ب د ت پەلەستىن ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئالبانېسېنىڭ دوكلاتىدا ئانتىسىمىتىزملىق ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر