پېسكوۋ: ئامېرىكا دىققەتنى چېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ

دىمىترىي پېسكوۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ موسكۋادىكى كروكۇس شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى دائېشنىڭ سادىر قىلغانلىقى ئېھتىماللىقىدا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2121588
پېسكوۋ: ئامېرىكا دىققەتنى چېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ موسكۋادىكى كروكۇس شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى دائېشنىڭ سادىر قىلغانلىقى ئېھتىماللىقىدا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پېسكوۋ «ئىزۋېستىيا گېزىتى»نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، دىققىتىمىزنى بىرلا خىل ئېھتىماللىققا مەركەزلەشتۈرمەيۋاتساق، ئامېرىكالىقلارنىڭ بىرلا ئېھتىماللىقنى كۈنتەرتىپتە تۇرۇپ تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشى، ھېچ بولمىغاندىمۇ غەلىتە ئىش. بۇ ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ باشقا بىر ئېھتىماللىقنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.

پېسكوۋ ئامېرىكا، ئۇكرائىنا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ باياناتلىرى ئارقىلىق نېمىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، سەۋرچانلىق بىلەن رۇسىيە ئىستىخبارات ۋە تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى تاماملىشىنى ساقلاش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى باشلىقى ئالېكساندىر بورتنىكوۋ كونسېرت زالىدىكى ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ بارلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر