پاكىستاندا بومبىلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 5 خىتاي بىلەن 1 پاكىستانلىق ئۆلدى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىنىڭ شاڭلا رايونىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 5 نەپىرى خىتاي بولۇپ جەمئىي ئالتە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2120593
پاكىستاندا بومبىلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 5 خىتاي بىلەن 1 پاكىستانلىق ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاڭلادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچى خادىمى باخات زاھىر ھۇجۇمنىڭ پارتلاتقۇچ قاچىلانغان ماشىنىنىڭ باشقا بىر ماشىنىغا سوقۇلۇشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەنلىكىنى؛ ۋەقەدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ماشىنىدىكى بەش خىتاي بىلەن ئۇلارنىڭ شوپۇرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىر پاكىستان ئەسكىرى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

«داۋن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ بالۇچىستاننىڭ تۇربات رايونىدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن تېررورچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، توقۇنۇشتا بىر ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، تۆت ھۇجۇمچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمچىلارنىڭ سىڭىپ كىرىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بۆلگۈنچى بالۇچىستان ئازادلىق ئارمىيەسى يەرلىك تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر