ب د ت رامىزاندا ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى ماقۇللىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى رامىزان ئېيىدا (11-مارتتىن 9-ئاپرېلغىچە) غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە سىجىل ئۇرۇش توختىتىش قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

2120428
ب د ت رامىزاندا ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىرى بولغان ئالجىرىيە، ئېكۋادور، گىۋىيانا، ياپونىيە، مالتا، موزامبىك، كورېيە، سېررالېئون، سلوۋېنىيە ۋە شىۋېيتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەييارلىغان قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى.

لايىھە بىر ئاۋازنىڭ (ئامېرىكا) ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى، 14 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللاندى. بۇنىڭ بىلەن، ئىسىرائىلىيە غەززەدگە ھۇجۇم باشلىغان 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان تۇنجى قېتىم ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۇرۇش توختىتىش تەلەپ قىلىنغان بىر قارار لايىھەسى قوبۇل قىلىنغان بولدى.

قاراردا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا ھازىرغىچە ماقۇللانغان قارارلار خاتىرىلىتىلگەن ھالدا، بارلىق تەرەپلەرنىڭ خەلقئارالىق قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى تەكىتلەندى.

ئاممىۋى ئۇل-ئەسلىھەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملار ۋە ھەر تۈرلۈك تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئەيىبلەنگەن قاراردا، ئەسىر تۇتۇشنىڭ خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

غەززەدىكى قورقۇنچلىق ئىنسانى تىراگېدىيەلەردىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن قاراردا، مىسىر، قاتار ۋە ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى ئېتىراپ قىلىندى.

قاراردا، «رامىزان ئېيىدا بارلىق تەرەپلەر ھۆرمەت قىلىدىغان ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، بۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە سىجىل ئۇرۇش توختىتىشقا يول ئېچىشى، بارلىق ئەسىرلەرنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش» تەلەپ قىلىندى.

قارارنىڭ ئاخىرىدا، تەرەپلەرگە ئەسىر تۇتۇلۇۋاتقان كىشىلەرگە قارىتا خەلقئارالىق قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش چاقىرىق قىلىندى ۋە بۇنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر