رۇسىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 137 گە ئۆرلىدى

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا كروكۇس شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا جۈمە كۈنى (22-مارت) يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 137 گە ئۆرلىدى.

2119623
رۇسىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 137 گە ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى (SLEDCOM) ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 137 گە ئۆرلىگەنلىكىنى، بۇلاردىن ئۈچ نەپىرىنىڭ كىچىك بالا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، نەق مەيداننى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە ھازىرغىچە 62 جەسەتنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ جەرياندا، ھۇجۇمغا چېتىشلىق نازارەتكە ئېلىنغان 11 گۇمانداردىن 4 نەپىرى موسكۋا باسماننىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە سوتقا چىقىرىلدى.

گۇماندارلاردىن تاجىكىستان پۇقرالىرى دالېرجون مىرزويېۋ، سەيداكرام مۇرودئەلى راچابالىزودا، فارىدۇنىي شەمسىدىن ۋە مۇھەممەدسوبىر فايزوفنىڭ 22  - مايغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى قارار قىلىندى.

فايزوفنىڭ سوتقا دوختۇرنىڭ ھەمراھلىقىدا چاقلىق ئورۇندۇقتا ئېلىپ كېلىنىشى، باشقا گۇماندارلارنىڭ بولسا، يۈزلىرىدىكى ئىششىق ۋە جاراھەتلەرھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر