ئىسرائىلىيەدە نېتانياھۇغا قارشى نامايىش دولقۇنى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە

ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىش دولقۇنى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە.

2119351
ئىسرائىلىيەدە نېتانياھۇغا قارشى نامايىش دولقۇنى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت تېل ئاۋىۋدە يەنە تۈمەنلىگەن ئىسرائىلىيە پۇقرالىرى يىغىلىپ، نىتانىياھۇنى ئىستىپا بېرىشكە چاقىردى.

ئىسرائىلىيەلىك نامايىشچىلار تېل ئاۋىۋنىڭ قاپلان كوچىسىغا توپلاندى ۋە باش مىنىستىر نىتانىياھۇغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «سەن باشتا تۇرىۋاتىسەن، سەن جىنايەتچى»، «ھۇجۇملار تىنچلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

غەزەپلەنگەن ئامما دېموكراتىيە مەيدانىغا يۈرۈش قىلدى. نامايىشچىلار ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانىياھۇ ۋە بىر قىسىم كابىنېت ئەزالىرىنىڭ مودېللىرىغا ئوت قويدى.

نىتانىياھۇغا قارشى تۇرغۇچىلار ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كابىنېتىنىڭ پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشچىلار «ئۇرۇشنى توختات! دەرھال ھازىرلا!» دەپ يېزىلغان لوزىنكىلارنى كۆتۈردى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا پات-پات توقۇنۇش يۈز بەردى.

غەززە رايونىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمۇ نېتانياھۇنىڭ ھايفاغا يېقىن قەيسەرياغا جايلاشقان ئۆيى ئالدىدا نامايىش قىلدى.

نامايىش جەريانىدا، ھۆكۈمەتكە ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ بالدۇرراق يۇرتىغا قايتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر