ئانتونىي بلىنكېن موسكۋادا كونسېرت زالىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا كونسېرت زالىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

2119379
ئانتونىي بلىنكېن موسكۋادا كونسېرت زالىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتونىي بلىنكېن يازما باياناتىدا ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ يېقىنلىرىغا تەزىيە تېلەكلىرىنى يوللاپ: «ھەر خىلدىكى تېررورلۇقنى ئەيىبلەيمىز ۋە بۇ دەھشەتلىك ۋەقەگە قايغۇرىۋاتقان رۇسىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېدى.

بلىنكېن ئامېرىكانىڭ موسكۋادىكى ئەجەللىك تېررورلۇق ھۇجۇمىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى كروكۇس شەھەرلىك ھۆكۈمەت كونسېرت زالىدا 22-مارت كەچتە قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن زالدىكىلەرنى قالايمىقان ئوققا تۇتقان ئىدى.  

كونسېرت زالى جايلاشقان بىنانىڭ ئۆگزىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، قىسقىغىنە ۋاقىتتىن كېيىن ئۆگزە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىدى.

رۇسىيە دائىرىلىرى ھۇجۇمدا 133 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ۋەقەدە 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

ھۇجۇمنى تەشكىللىگەن 4 تېررورچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر