مەسجىدى ئەقسادا 100 مىڭ ئادەم تەراۋىھ نامىزى ئۆتىدى

رامىزان ئېيىنىڭ ئىككىنچى جۈمە كۈنى كېچىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقسادا 100 مىڭ كىشى تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2119231
مەسجىدى ئەقسادا 100 مىڭ ئادەم تەراۋىھ نامىزى ئۆتىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەسجىدى ئەقسانى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل «قۇددۇس ئىسلام فوندى جەمئىيىتى» يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بۈگۈنكى خۇپتەن ۋە تەراۋىھ نامىزىغا 100 مىڭ مۇسۇلماننىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا كىرىشىگە يول قويمىغان، ئۇدا بىر قانچە ھەپتە بويىچە جۈمە نامىزىغا تەخمىنەن 5000 كىشىلىك جامائەت كېلەلىگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بىلەن مەسجىدى ئەقساغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمىغان پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر يۈز بەرگەنىدى. ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى پەلەستىنلىكلەرنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە سېسىق پۇراقلىق سۇ ئىشلىتىپ تارقاقلاشتۇرغانىدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن بىرلىكتە چەكلىمىنى بوشاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، 120 مىڭ كىشى مەسجىدى ئەقسادا جۈمە نامىزى ئوقۇغانىدى.

ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق بىلەن قۇدۇس ئوتتۇرىسىدىكى 2003-يىلى ياسالغان بېتون تام بويىدا نۇرغۇن ئىسرائىلىيە ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بار.

ئىسرائىلىيە نورمال كۈنلەردە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتنامە ئالغان كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ قۇددۇس تەرەپكە ئۆتۈشىگە يول قويمايدۇ.

شەرقىي قۇددۇس ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى 1967-يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر