سىلوۋېنىيە رۇس دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

سىلوۋېنىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ بىر دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2118807
سىلوۋېنىيە رۇس دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىلوۋېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ لىيۇبليانا ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر خادىمنىڭ، دىپلومات سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبىدىن «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىكى ۋىيېننا شەرتنامەسىنىڭ توققۇزىنچى ماددىسى بويىچە ئېلىنغان قارارنىڭ، رۇسىيەنىڭ لىيۇبليانا ئەلچىخانىسىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، رۇس دىپلوماتنىڭ 28-مارتقىچە دۆلەت چېگراسىدىن چىقىپ كېتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

سىلوۋېنيە 2022-يىلى ئاپرېلدىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش مەقسىتىدە، 33 نەپەر رۇسىيە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر