نىگېرىيە ھاۋا ئارمىيەسى تېررورىستلارغا قارشى ھەرىكەت باشلىدى

نىگېرىيە ئارمىيەسى زامفارا ۋە نىگېر ئىشتاتلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتىدە نۇرغۇن تېررورىستنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2117697
نىگېرىيە ھاۋا ئارمىيەسى تېررورىستلارغا قارشى ھەرىكەت باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئېدۋارد گابكۋېت تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ غەربىي ئافرىقادىكى تارمىقى ئىسۋاپ (ISWAP) كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە زامفارا ئىشتاتىغا قاراشلىق كاچاللا دامىنا ۋە نىگېر ئىشتاتىغا قاراشلىق پالېلې رايونىدا، تېررورىستلار ئورۇنلاشقان جايلارغا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھاۋا ھەرىكىتىدە بىر كاتتىباشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تېررورىستلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە نۇرغۇن تېررورىستلارنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تېررورىستلار ئۇۋا تۇتقان نۇرغۇن لاگېر ۋە ئىسكىلاتلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنىپ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى، كۆپ ساندا قورال-ياراغلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

نىگېرىيە يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئوخشىمىغان قوراللىق گۇرۇپپىلار، بوكو ھارام ۋە ئىسۋاپقا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر