نىگېرىيەدە نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىندى

نىگېرىيەنىڭ كادۇنا ئىشتاتىدا قوراللىق كىشىلەر 87 ئادەمنى تۇتقۇن قىلدى.

2117092
نىگېرىيەدە نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىندى

ۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە كادۇنا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مەنسۇر ھاسسان كاژۇرۇ يېزىسىدا ئادەم تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەمما سانى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

يېزا باشلىقى تانكو ۋادا ساركىن ئەڭ ئاز دېگەندە 87 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۆلەم تەلەپ قىلىدىغان جىنايى گۇرۇھلار تەرىپىدىن پەيدا قىلىنىدىغان ئادەم  تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرى، نىگېرىيەدە بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ شىمالىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرگە ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر