خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر رۇسىيەنىڭ سايلاملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ بەزى رايونلىرى بىلەن ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتيادا سايلام ئۆتكۈزگەنلىكىگە قارشى نارازىلىقلار ئارقا ئارقىدىن ئېلان قىلىندى.

2117203
خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر رۇسىيەنىڭ سايلاملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيە، ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە سايلاملىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان سايلام يەكشەنبە (17-مارت) ئاخىرلاشتى. ۋلادىمىر پۇتىن يەنە بىر نۆۋەت پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى.

سايلام نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، پۇتىن قاتنىشىش نىسبىتى %77.44 بولغان سايلامدا %87.29 ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلىبە قىلغان. رۇسىيە 2014-يىلى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغان ئۇكرائىنانىڭ قىرىم رايونىدا، 2022-يىلى قوشۇۋالغان دونېتسك، لۇخانسك، خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىدا، گىرۇزىيەدىن ئايرىپ ئۆزىگە قوشۇۋالغان ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسېتيادىمۇ سايلام ئۆتكۈزگەن.

گىرۇزىيە پىرېزىدېنتى سالومې زۇرابىشۋىلى ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسېتيا رايونلىرىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مەزكۇر رايونلارنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىنىڭ گىرۇزىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى رايونلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈشى قانۇنسىز ۋە قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ سايلاملار گىرۇزىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە يەنە بىر قېتىم ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، خەلقئارالىق قانۇنلارغىمۇ پۈتۈنلەي خىلاپ» دېدى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ زىيارەتتە بولۇۋاتقان گىرۇزىيەدە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «رۇسىيەنىڭ گىرۇزىيە ۋە ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا سايلام ئكتكۈزۈشى پۈتۈنلەي قانۇنسىزلىق ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى: «ئىشغال ئاستىدىكى ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا قانۇنسىز ھالدا ئكتكۈزۈلگەن ئاتالمىش سايلاملارنى شىددەت بىلەن ئەيىبلەيمىز. رۇسىيە بۇ سايلاملار بىلەن ب د ت شەرتنامەلىرىگە، خەلقئارالىق قانۇنلار غاۋە ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقىگە، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە يەنە بىر قېتىم ئوچۇقتىن ئوچۇق خىلاپلىق قىلدى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر