رۇسىيەدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا پۇتىن غەلىبە قىلغاندەك قىلىدۇ

راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، %87.8 بېلەتكە ئېرىشىپ غەلىبە قىلغان.

2116589
رۇسىيەدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا پۇتىن غەلىبە قىلغاندەك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە 15-مارت (2024) تا باشلانغان ۋە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى، رۇسىيەنىڭ ئەڭ غەربىدىكى كالېنگراد رايونىدا، موسكۋا ۋاقتى سائەت 21:00 دە سايلام ساندۇقلىرىنىڭ پىچەتلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقان.

رۇسىيە مىقياسىدا 80 دىن ئارتۇق رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام ھەم ئاۋاز ساندۇقىدا، ھەم ئېلېكترونلۇق مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلدى. سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى %74 تىن ئېشىپ كەتتى.  

ئاۋاز تاشلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، سايلامدا مەۋجۇت پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن %87.8 ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلىبە قىلغان.

فوم شىركىتىنىڭ راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن نىكولاي خارېتونوف ئاران %4.7 ئاۋازغا، يېڭى خەلق پارتىيەسىدىن ۋىلادىسلاۋ داۋانكوف %3.6 ئاۋازغا، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن لېئونىد سلۇتسكىي %2.5 ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، %1.4 بېلەت ئىناۋەتسىز دەپ قارالغان.

دەسلەپكى بىرەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سايلامدا غەلىبەگە ئېرىشكەن پۇتىن، رەسمىي نەتىجىلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قەسەم بېرىدۇ ۋە 5 - نۆۋەت رۇسىيە پىرېزىدېنتى بولىدۇ.

يېڭى پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئالتە يىل بولىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر