نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 16 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى
نىگېرىيەنىڭ دېلتا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 16 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى.
2116779
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ دېلتا ئۆلكىسىگە قاراشلىق بومادى رايونىدىكى ئىككى يېزىدا ئەسكەرلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
ھۇجۇمدا، ئىككى نەپەر مىڭ بېشى كاپىتاننى قوشقاندا جەمئىي 16 ئەسكەر قازا قىلدى.
رايونغا بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئەۋەتىلدى.
دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، ھۇجۇمدىن كېيىن رايون ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.