ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە ۋە ئەرمېنىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ 17- مارتتىن 19-مارتقىچە ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە ۋە ئەرمېنىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

2116225
ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە ۋە ئەرمېنىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو بايانات ئېلان قىلىپ، باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگنىڭ 17-مارت ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا زىيارەتتە بولۇپ، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن، 18-مارت ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ستولتېنبېرگ ئەزەربەيجاندىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 18-مارت گىرۇزىيەنىڭ پايتەختى تىفلىسقا بېرىپ، ئۇ يەردە پىرېزىدېنت سالومې زۇرابىشۋىلى ۋە باش مىنىستىر ئىراكلى كوباخىدزې بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ 19-مارت ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى ئەرىۋاندا پىرېزىدېنت ۋاھاگن خاچاتۇرىيان ۋە باش مىنىستىر نىكول پاشىنيان بىلەن كۆرۈشۈپ كاۋكازدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر