گىرېتسىيە بىر كۆچمەنگە زوراۋانلىق قىلغان تۆت ساقچىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىناغا يېقىن يەرگەن جايلاشقان ئامىگدالېزادىكى كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش مەركىزىدە ئىشلەۋاتقان تۆت چېگرا ساقچىسى كۆچمەنلەرگە مۇشتۇمزورلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

2116260
گىرېتسىيە بىر كۆچمەنگە زوراۋانلىق قىلغان تۆت ساقچىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە پۇقرالارنى قوغداش مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، شىكايەتكە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، تۆت نەپەر چېگرا ساقچىسىنىڭ مەركەزدە تۇرۇۋاتقان بىر كۆچمەننى ئۇرغانلىقىنىڭ دەلىللەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تاياق يېگەن كۆچمەننىڭ قوۋۇرغىسىنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ۋەقەگە چېتىشلىق چېگرا ساقچىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللانغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، ساقچىلارنىڭ جىسمانىي زوراۋانلىق قىلىش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىغان كۆچمەننىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر