ماكرون: رۇسىيە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلسا، ياۋروپانىڭ ئىناۋىتى نۆلگە چۈشۈپ قالىدۇ

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون: «ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلسا، ياۋروپانىڭ ئىناۋىتى نۆلگە چۈشۈپ قالىدۇ» دېدى.

2115909
ماكرون: رۇسىيە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلسا، ياۋروپانىڭ ئىناۋىتى نۆلگە چۈشۈپ قالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانس 2 ۋە TF1 قاناللىرىنىڭ بىرلەشمە تارقىتىشىغا قاتناشقان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، ئۇرۇشنىڭ ياۋروپا زېمىنىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ىستراسبۇرگ بىلەن لىۋىۋ ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە 1500 كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. ئەگەر رۇسىيە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلسا، ياۋروپانىڭ ئىناۋىتى نۆلگە چۈشۈپ قالىدۇ» دېدى.

ئەگەر موسكۋا ھۆكۈمىتى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ قالسا، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەر بولمايدىغانلىقىنى ۋە ياۋروپانىڭ ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون: «بىزنىڭ بىرلا نىشانىمىز بار؛ رۇسىيە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالمايدۇ ۋە غەلىبە قىلماسلىقى كېرەك» دېدى.

2022-يىلدىن باشلاپ رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش توغرىسىدا توختالغان ماكرون: «بۇ تاللاشلارنىڭ ھەممىسى مۇمكىن؛ بۇنىڭ بىردىنبىر جاۋابكارى موسكۋا ھاكىمىيىتى بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ فىرانسىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ماكرون، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشىنىڭ فىرانسىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر