ئامېرىكادا 8 نەپەر پالاتا ئەزاسى جو بايدىنغا ئوچۇق مەكتۇپ يوللىدى

ئامېرىكادا 8 نەپەر پالاتا ئەزاسى پىرېزىدېنت جو بايدىنغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى «ئىسرائىلىيەگە قورال بېرىشنى توختىتىش» قا چاقىرىق قىلدى.

2114831
ئامېرىكادا 8 نەپەر پالاتا ئەزاسى جو بايدىنغا ئوچۇق مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا مۇستەقىل ۋېرمونت كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېرنىي ساندېرستىن باشقا يەنە 7 دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئىمزا قويغان مەكتۇبتا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يېتىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ۋە بۇ قىلمىشنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە تۈپتىن خىلاپلىق قىلغانلىق بولغانلىقى تەكىتلەندى.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكانىڭ ئۈچىنچى دۆلەتكە قورال-ياراغ سېتىشتا «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە توسقۇنلۇق قىلغان دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىشقا بولمايدۇ» دەيدىغان ئالاقىدار قانۇن ماددىسىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، ئىسرائىلىيەنى قورال بىلەن تەمىنلەشنى دەرھال توختىتىش چاقىرىقىدا بولدى.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قورال يوللىشىنىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، غەززەگە مۇھىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىرلەشمە مەكتۇبىدا يەنە مۇنداق دەپ يازدى:

«فېدېراتسىيە قانۇنلىرى ناھايىتى ئېنىق؛ غەززەدىكى كىرىزىسنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان ئەندىشىسىنى قانچىلىغان قېتىم كۆرمەسكە سالغانلىقى ئېنىق. شۇڭا بۇ سىياسەتكە  ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن تېز ھەرىكەت قىلىش لازىم.»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر