بلۇمبېرگ: تۈركىيەنىڭ ھەربىي مەۋجۇدىيىتى كېڭەيمەكتە

ئامېرىكانىڭ «بلۇمبېرگ» تورى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۈنسېرى زورىيىۋاتقان تەسىرى توغرىسىدا مەخسۇس ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلدى.

2115037
بلۇمبېرگ: تۈركىيەنىڭ ھەربىي مەۋجۇدىيىتى كېڭەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ «بلۇمبېرگ» تورى، سومالىدىن ئەزەربەيجانغىچە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىن لىۋىيەگىچە بولغان  ئۈچ قىتئەدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۈنسېرى زورىيىۋاتقان تەسىرى توغرىسىدا مەخسۇس ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلدى.

ئانالىز ماقالىسىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن بۇيان ئەڭ كەڭ رايوندا مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى؛ ماقالىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇۋاتقىنىغا 50 يىل بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئارالدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.

ماقالىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ لىۋىيەگە تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى قارمىقىدىكى ئەسكەرلەرنى ئەۋەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

تۈركىيەنىڭ لىۋىيەنى ئىزچىل ھالدا ھەربىي مەشىق ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان ماقالىدە، بۇ دۆلەت بىلەن دېڭىز باشقۇرۇش تەۋەلىكى رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ئەسلتىىپ ئۆتۈلدى.

ئەنقەرەنىڭ ئاق دېڭىزدىكى ئېنېرگىيە ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى نامايان قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماقالىدە، قاتار، ئەزەربەيجان ۋە سومالىدىمۇ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن تارتىپ ھەربىي خادىملارنى تەربىيىلەشكىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە ھۆكۈمەتلەرنى قوللايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ماقالىدە تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ ئىككىنچى چوڭ ئارمىيەسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كوسوۋو ۋە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىم سۈپىتىدە ھالقىلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر