ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر بازارغا قىلغان ھۇجۇمدا 5 كىشى قازا قىلدى

لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى NNA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى چېگرا رايونىغا جايلاشقان خىربەت ئەسسىلىم يېزىسىغا قاراشلىق ئەين مەھەللىسىدە ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن بىر ئۆيگە ھۇجۇم قىلغان.

2113286
ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر بازارغا قىلغان ھۇجۇمدا 5 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئوخشاش ئائىلىدىن، دادا، ھامىلدار ئايال ۋە ئىككى كىچىك بالادىن باشقا يەنە بىر كىشىنىڭمۇ قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ھۇجۇمدا 9 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ھۇجۇم قىلغان ئۆينىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقى ۋە ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ 2023-يىلى 8- ئۆكتەبىردىن بۇيان لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پۇقرالارنىڭ سانى 51 كە يەتتى. توقۇنۇشلاردا  236 ھىزبۇللاھ ئەزاسى، 11 ئامال ھەرىكىتى ئەزاسى، 12 ھاماس ئەزاسى، 12 ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتى ئەزاسى، 6 ئىسرائىلىيە پۇقراسى ۋە 11 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر